تۈركىيە بىلەن قاتار ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا تۈركىيە بىلەن قاتار ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

755071
تۈركىيە بىلەن قاتار ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە بىلەن قاتار ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قاتارغا قاراپ يولغا چىققان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى پايتەخت دوھاغا يېتىپ باردى.

قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ تۇنجى ھەربىي مانېۋىرىنى تارىق بىن زىياد ھەربىي بازىسىدا ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا تۈرك-قاتار ئورتاق ھەربىي مانېۋىرىنىڭ قاتار كىرىزىسىدىن ئىلگىرى پىلانلانغانلىقى، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە قابىيەتلىرىنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

قاتاردىكى ھەربىي بازىدا 200گە يېقىن تۈرك ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر