رەققەدە ئەسەدكە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە بىرئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

755033
رەققەدە ئەسەدكە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاۋا ئارمىيەسى ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە Su-22 تىپلىق بىر ئۇرۇش  ئايروپىلانىنى رەققەنىڭ جەنۇبىدا چۈشۈرۈۋەتتى.

ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تابقا ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ قاتارلىق بىر نەچچە قوراللىق كۈچلەرگە ھۇجۇم قىلدى.

خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى بولسا ئەسەد قىسىملىرىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى باياناتچىسى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەسەد قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا دۈشمەنلىك قىلىشىغا قەتئىي قاراپ تۇرمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر