بوگوتادىكى بىر سودا مەركىزىدە پارتلاش يۈز بەردى

كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتادىكى بىر سودا مەركىزىدە تۈنۈگۈن كەچتە پارتلاش يۈز بېرىپ، 3 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

754770
بوگوتادىكى بىر سودا مەركىزىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوگوتا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئېنرىك پېنالوسا، ۋەقە يۈز بەرگەن سودا مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 9 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھەللىي تاراتقۇلار، سودا مەركىزىنىڭ ئاياللار ھاجەتخانىسى جايلاشقان تەرىپىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا، 3 ئايالنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۆلگەنلەردىن بىرىنىڭ فىرانسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىر تەرەپتە ساقچىلار رايوننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن چارلاش خىزمەتلىرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ جەرياندا، پارتلاشتىن كېيىن يەرلىك تاراتقۇلاردا ھۇجۇمنى مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىقتى. بىراق، مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ھەيئىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى، بۇ ھۇجۇمنى تەشكىلاتنىڭ سادىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر