خىتايدا پارتلاش يۈز بەردى
خىتايدا بىر يەسلىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 7 كىشى ئۆلدى.
753502
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىدىكى بىر يەسلىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 7 كىشى قازا قىلغان، 59 كىشى يارىلانغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ فىڭشىيەن ناھىيەسىدىكى بىر يەسلىدە ئانىلار بالىلىرىنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ مېڭىش ئالدىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، پارتلاشتىن كېيىن سەھىيە خادىملىرى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمۇ پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.