«تېررورىزىمنى قوللىغان دۆلەتلەرگە قارشى كۈرەشلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك»

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشكەندە تېررورىزىمنى قوللىغان دۆلەتلەرگە قارشى كۈرەشلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

751336
«تېررورىزىمنى قوللىغان دۆلەتلەرگە  قارشى كۈرەشلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

مىسىر پىرىزدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى باش مىنىستىرلىق بىناسىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش، قانۇنسىز كۆچمەنلىك، قاتار بىلەن بىر قىسىم  ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن دىپلوماتىك كىرىزىس ۋە لىۋىيە بولۇپ رايوندىكى باشقا كىرىزىسلەرگە سىياسىي چارە تېپىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.  

مېركېل كۆرۈشۈشتە مىسىر بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، گېرمانىيەنىڭ مىسىر يولغا قويۇۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئەس-سىسى مىسىرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئامانلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بەرپا  قىلىنىشىنى، بولۇپمۇ لىۋىيە ۋە سۈرىيەدىكى كىرىزىسلەرنىڭ سىياسىي يوللاردىن ھەل قىلىنىشى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تېررورىزىمنى قوللىغان، تېررورىزىمغا سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيەلىك ئاساس يارىتىشقا تىرىشقان دۆلەتلەرگە قارشى كۈرەشلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر