رۇسىيەدە ئۆكتىچى رەھبەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

رۇسىيەدە ئۆكتىچى رەھبەر ئالېكسېي ناۋالنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 30 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

751872
رۇسىيەدە ئۆكتىچى رەھبەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
rusya gösteriler1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە مىڭلارچە كىشى پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا قارشى چىقىش بىلەن تونۇلغان «چىرىكلىككە قارشى كۈرەش فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئالېكسېي ناۋالنىڭ چاقىرىغا ئاۋاز قوشۇپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھارپىسىدا ئۆيىنىڭ ئالدىدا قولغا ئېلىنغان ناۋالنى، يىغىلىشلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 30 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

رۇخسەتسىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول قويمىغان ساقچىلار ھۆكۈمەتقا قارشى شوئار توۋلىغان نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى.

موسكۋا ۋە باشقا شەھەرلەردىكى 50 جايدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 1500 كىشى قولغا ئېلىندى.

ناۋالنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ مارت ئېيىدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردىمۇ مىڭغا يېقىن كىشى قولغا ئېلىنغان، ناۋالنىمۇ ساقچىلارغا ئىتائەت قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

پۇتىننىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى دەپ قارىلىۋاتقان 41 ياشلىق ناۋالنى ئاپرېلدا يۈزىگە يېشىل بىر سۇيۇقلۇق بۇيۇم ئېتىلغاندىن كېيىن كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان، 2013 – يىلى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن رۇسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى دەۋانىڭ تەكرارلىنىشى توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەھكىمىنىڭ قارارى مۇئەييەنلەشكەن تەقدىردە، ناۋالنى كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا پۇتىنغا قارشى نامزات بولالمايدىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ناۋالنىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە رۇسىيەدىكى ئاممىۋى قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئاق ساراي باياناتچىسى سېن سپايسېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەدىكى ئاممىۋى قولغا ئېلىنىش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە رۇسىيە دائىرىلىرىدىن تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن بارلىق نامايىشچىلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ رۇسىيەدىكى قولغا ئېلىنىش ۋەقەلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئانتونىئو تاجانى ناۋالنىنىڭ قولغا ئېلىنىشنى «ئەندىشىلىك ئەھۋال» دەپ ئاتىدى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نامايىشچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، رۇسىيەدە ئەندىشە سىگناللىرىنىڭ چېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر