پاناما تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى

تەيۋەنلىك مەسئۇللار پانامانىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۇزگەنلىكىدىن چوڭقۇر ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پانامادىكى دېپلوماتىك خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

751830
پاناما تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن پاناما بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېلىشىمى تۈزدى.

خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ۋاڭ يى، پاناما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مالو دە ئالۋارادو بىلەن خىتايىڭ پايتەختى بېيجىڭدا كۆرۈشتى.

ۋاڭ بىلەن ئالۋارادو قاتناشقان يىغىندا دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ئورتاق باياننامە ئىمزالاندى.

ۋاڭ پانامانىڭ بۇ باياننامىغا ئىمزا قويۇش ئارقىلىق، دۇنيادا پەقەت بىرلا خىتاي دۆلىتىنىڭ بارلىقىغا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خىتاينىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى  ئىكەنلىكىگە ئىمزا قويغان بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پاناما تەيۋەن بىلەن 1954 – يىلىدا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ كېلىشىم ئارقىلىق پانامانىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ باياننامىنىڭ خىتاي – پاناما ئوتتۇرىىسدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دۇنيادا 1990 – يىللىرىغا قەدەر تەيۋەننىڭ جەمئىي 30 ئەتراپىدا دۆلەت بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، پاناما بىلەن دېپلوماتىك ئۈزۈلگەن ئەمدىكى چاغدا 20 دۆلەتكە چۈشۈپ قالدى.

تەيۋەنلىك مەسئۇللار پانامانىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۇزگەنلىكىدىن چوڭقۇر ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پانامادىكى دېپلوماتىك خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي تەيۋەننىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە تەيۋەننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى خىتاي ئارقىلىق ئىشقا سېلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر