ب د ت خەلقئارانى قىيىن ئەھۋالدىكى يەمەنگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتكۈل ئەزا دۆلەتلەرنى قىيىن ئەھۋال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان يەمەنگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

751303
ب د ت خەلقئارانى قىيىن ئەھۋالدىكى يەمەنگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۈتكۈل ئەزا دۆلەتلەرنى ئاچارچىلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىك خەتىرى ئاستىدا ياشاۋاتقان يەمەنگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپ باياناتچىسى فارھان ھەق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يەمەندە خولېرا بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان كېسەللىك ۋەقەسى قوشۇلۇپ خولېرا بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ تەخمىنەن 125مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېيتقان فارھان ھەق ، 932 كىشىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «يەمەندە خولېرا كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەرنى يەمەنگە ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياردەم قىلىشقا چاقىرىمىز، يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە يەمەن مىقىياسىدا 3 مىليون 500 مىڭ كىشى پاكىز سۇ ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلەردىن بەھرىمان بولدى.»

يەمەندە 2 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تەخمىنەن 3 مىلىيون كىشى پاكىز سۇغا ئېرىشەلمەسلىك ۋە ئەخلەتلەرنىڭ يىغىلماسلىقى نەتىجىسىدە خولېراغا يۇقۇملىنىش خەۋپى ئاستىدا ياشىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر