ئىسپانىيەدىكى كاتالونيا ئاپتونوم رايونىدا 1-ئۆكتەبىردە مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئىسپانىيەنىڭ شەرقىدىكى كاتالونيا ئاپتونوم رايونىدا 1-ئۆكتەبىردە مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

750452
ئىسپانىيەدىكى كاتالونيا ئاپتونوم رايونىدا 1-ئۆكتەبىردە مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ شەرقىدىكى كاتالونيا ئاپتونوم رايونىدا 1-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنى قوللاش ئۈچۈن بارسېلونا شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئون مىڭلارچە نامايىشچى خەلقئارانى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قانۇنسىز»ئېلان قىلىنغان بۇ رېفېراندۇمنى قوللاشقا چاقىردى.

نامايىشقا مانچىستېر سىتى پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى جوسېپ گۇئاردىيولامۇ قاتناشتى.

گۇئاردىيولا قولىغا بىر قۇرۇق ساندۇق بىلەن سەھنىگە چىقىپ خىتابنامىنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنى رېفېراندۇمنى قوللاشقا چاقىردى.

«ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى خالىمىسىمۇ كېلەچەكىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەش ئۈچۈن رېفېراندۇمدا بېلەت تاشلايمىز»دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلغان خىتابنامىدە «ھاكىم مۇتلەق بىر دۆلەتنىڭ بارلىق بېسىملىرىغا قارىماي ياۋروپا ۋە دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىك شەخسلەرنى بىزنى قوللاشقا چاقىرىمىز، كاتالانلىقلارنىڭ تەلەپلىرىگە يېگانە جاۋاب رېفېراندۇمدا بېلەت تاشلاشتۇر.»

كاتالونيادا 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق رېفېرانۇمىدا خەلقنىڭ %80ى مۇستەقىللىقنى قوللاپ بېلەت تاشلىغانىدى.

ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى كاتالانلىقلارنىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى بىكار قىلىۋەتكەنىدى.

بۇ يىلمۇ كاتالونيا ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى كارلېس پۇيگدېمونت رېفېراندۇم قارارنامىسىنى ئىمزالىغان تەقدىردىمۇ ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق رېفېراندۇم قارارنامىسىنى بىكار قىلىۋېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

كاتالونيادا رەسمىي رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقى، 2014-يىلى 9-نويابىردىكى رېفېراندۇمدىكىگە ئوخشاش  پەقەت سىمۋوللۇق ۋە چەكلىك ھالدا ئاۋاز بېرىشكە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر