كونگودا بىر تۈرمىدىن 930 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى بىر تۈرمىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلدى، 930 مەھبۇس تۈرمىدىن قاچتى.

750492
كونگودا بىر تۈرمىدىن 930 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگونىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى جۇلىئان بالوكونىڭ ئېيتىشىچە، ئونلارچە قوراللىق زوراۋان ئۆلكىگە قاراشلىق بەنى شەھىرىدىكى مەركىزىي تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىپ، 8 ساقچى بىلەن 1 مەھبۇسنى ئۆلتۈرگەن، ھۇجۇم جەريانىدا زوراۋانلاردىن 2 سى ئۆلتۈرۈلگەن، 930 مەھبۇس قېچىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، تۈرمىدە پەقەت 36 مەھبۇسلا قالغان، ۋەقەدىن كېيىن شەھەردە كوچىغا چىقىش مەنئىي قىلىنغان. ئەمما ئۇ زوراۋانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، دېموكراتىك كونگو جمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپ ساندا قوراللىق گۇرۇپپىلار بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر