بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار تېلېفون لىنىيەسى تەسىس قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارقىسىدىن بەھرەين بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ قاتار كىرىزىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

750311
بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار تېلېفون لىنىيەسى تەسىس قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى، زىيانغا ئۇچرىغان ئائىلىلەر ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفون لىنىيەسى تەسىس قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بۇنىڭدىن ئىلگىرى يوليورۇق چۈشۈرۈپ، ئوخشاش ئائىلىدىكى قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرى ئۈچۈن بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئوخشاش يول تۇتقانىدى.

بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىدىن 14 كۈن ئىچىدە قاتاردىن چىقىپ كېتىشلىرىنى، دۆلەتلىرىدىكى قاتارلىقلارنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشلىرىنى تەلەپ قىلىشى، ئائىلە ھاياتىغا دائىر ھەق – ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى قانۇنىي دائىرىدە ئەيىبلەشلەرنىڭ نىشانىغا ئايلانغانىدى.

قاتار مەملىكەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا 11378 سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پۇقراسى بار بولۇپ، پارس قولتۇقى ئەللىرىدىمۇ مىڭلارچە قاتارلىق بار ئىكەن.

مەزكۇر كومىتېت، كىرىزىسنىڭ مىڭلارچە كىشىنىڭ ساياھەت، خىزمەت ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر