ب د ت: «قاتارغا قارىتىلغان ئېمبارگولار قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەۋپسىزلىك كېڭشىنىڭ سىرتىدا تەييارلانغان ئېمبارگولارنىڭ قانۇنىي كۈچى يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

749890
ب د ت: «قاتارغا قارىتىلغان ئېمبارگولار قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپ باياناتچىسى سىتېپان دۇجاررىك، قاتار قوللىغان كىشى ۋە ئورگانلارنىمۇ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەيىن ۋە مىسىر ئېلان قىلغان ئورتاق دوكلات ئۈستىدە بايانات ئېلان قىلدى.  

سىتېپان دۇجاررىك، پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئېمبارگولارنىڭلا قانۇنىي كۈچگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، كېڭەش سىرتىدا تەييارلانغان تىزىملىكلەرنى ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دۇجاررىك رايوندىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان دېپلوماتىك خۇسۇسىي ئىختىيارلىقلارنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، بەھرەيىن ۋە مىسىر ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، «قاتارنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى بار» دېگۈننى ئىلگىرى  سۈرگەن شۇنداقلا قاتار قوللىغان 59 كىشى ۋە 12 ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان  ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر