«ئامېرىكىدىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇيمىز»

شىمالىي كورېيە دۈشمەنلەرچە سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكىدىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇيدىغانلىقى توغرۇلۇق تەھدىت سالدى.

749523
«ئامېرىكىدىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇيمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تېلېۋىزىيە قانىلى (KCTV) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىنچلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ باشلىقى پاك چوڭئەي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ياپونىيە بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇنداقتا، شىمالىي كورېيەگە قاراتقان دۈشمەنلەردە سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى ۋە  تېرروتېرىيەسىدىكى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ۋە توكيو دۈشمەنلەردە پوزىتسىيە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ئامېرىكىدىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇيمىز. شۇڭا، ياپونىيە شىمالىي كورېيەگە ئوخشىغان يېڭىلمەس ۋە شەپقەتسىز بىر يادرو كۈچى بىلەن جېدەللىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.»

ئىلگىرى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوشما مانېۋىرىنى تەنقىد قىلغان شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭئۇن ھەر ئىككى دۆلەتكە يادرو قوراللىرى بىلەن تەھدىت سالغان ھەمدە «ئەڭ كىچىك بىر ئىغۋاگەرلىك ئۇلارنىڭ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ» دېگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

بۇ دائىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ماس ھالدا شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار دائىرىسىدە يەنە 14 كىشى ۋە 4 شىركەت «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن، 46 شىركەت بىلەن 53 كىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش ۋە ۋىزا چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىش نىشان قىلىنغان «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر