ئەلجەزىرە قاناللىرى چەكلەندى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا مېھمانساراي ۋە شىركەتلەرگە ئەۋەتىلگەن ھۆججەتتە مەركىزىي قاتارغا جايلاشقان ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىندى.

749723
ئەلجەزىرە قاناللىرى چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ساياھەت ۋە مىللىي مىراسلار ئىدارىسى مېھمانساراي ۋە شىركەتلەردە ئەل جەزىرە قانىلىنى چەكلەش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، مېھمانساراي ۋە مېھمانخانىلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە، سۇنئىي ھەمرادىن تارقىتىلىدىغان پىروگراممىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەردە دۆلەتنىڭ رەسمىي قاناللىرىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا، دىن ۋە ئەخلاققا قارشى قاناللارنىڭ بولماسلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەلجەزىرە قاناللىرىنى ئۆچۈرمىگەن ھەر بىر شىركەتكە 100 مىڭ رىيال (تەخمىنەن 26.6 مى دوللار) جازا بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (QNA) 23-ماي قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم ئالسانىنى مەنبە كۆرسىتىپ، «ئامېرىكىغا قارشى ۋە ئىراننى قوللايدىغان» بايانات ئېلان قلغان ئىدى. بىراق، QNA ئاگېنتلىقى ئۇزۇن ئۆتمەي تور بېتىنىڭ سىبەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر باياناتنىڭ دىققەتكە ئېلىنماسلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە پىروگرامما تارقىتىدىغان ئەل ئەرەبىييە (Al Arabiya) ۋە سكاي نىيۇس ئەرەبىييە (SKY News Arabia) قاناللىرى رەسىي بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي تارقىتىشنى داۋاملاشتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنى چەكلىدى. 3-ئىيۇن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇسۇف ئەلئۇتەيبەنىڭ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە بەزى خاككېر گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئېلىخەتلەر ئاشكارىلاندى.

ئېلىخەتلەردە، باش ئەلچىنىڭ ئىسىرائىلىيەنى قوللايدىغان «دېموكراتىيەنى قوغداش ۋەخپى» بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ۋە تۈركىيە بىلەن قاتارغا قارشى ئورتاق سىياسەت تۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر