ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدىغان ۋاقىتى كېلىپ بولدى

رۇسىيە مەسئۇللىرى ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەزالىق ئىلتىماسىنىڭ ئىجابىي باھاغا ئېرىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك پۇتۇن شارائىتلارنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

748735
ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدىغان ۋاقىتى كېلىپ بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى يۇرى ئۇشاكوۋ، «ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدىغان ۋاقىتى كېلىپ قالدى» دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 
يۇرى ئۇشاكوۋ ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەزالىق ئىلتىماسى ئۈستىدە توختىلىپ، «رۇسىيە <ئىراننىڭ ئىلتىماسىنىڭ ئىجابىي باھالاپ چىقىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك پۇتۇن شارائىتلار پېشىپ يېتىلدى> دەپ قارايدۇ» دېدى.  
يۇرى ئۇشاكوۋ يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى بىلەن تەشكىلاتنىڭ نوپۇزى زور دورىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. 
ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشىنىڭ تەشكىلاتقا نىسبەتەن يېڭى بىر باسقۇچنىڭ باشلانغانلىقى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇشاكوۋ: «بۇ ئەزالىقلار ئىشقا ئېشىشى نەتىجىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئومۇمىي يەر كۆلىمى دۇنيانىڭ %23 گە تەڭ كېلىدىغان بولىدۇ. دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تەشكىلاتتا ئورۇن ئالغان بولىدۇ» دېدى. 
ئىران ئۇچۇر- ئالاقە ۋە پەن – تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى ماھمۇد ۋائىزى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇش يولىدا كونكېرت قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر