كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى قوراللىرىنىڭ %30 نى ب د ت غا تاپشۇردى

كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى لىدىرى رودرىگو لوندونو، تەشكىلاتنىڭ قوراللىرىنىڭ %30 نى ب د ت غا تاپشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

748454
كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى قوراللىرىنىڭ %30 نى ب د ت غا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ 20 – ئىيۇندا ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان قورال تاشلاش مۇساپىسى، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى 26 يىغىن ساھەسىدە ب د ت  ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش ۋە جەزملەشتۈرۈش مېخانىزمىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا داۋام قىلماقتا.

كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تىموچېنكو دېگەن نام بىلەن تونۇلغان رەھبىرى رودرىگو لوندونو، تىبۇ شەھىرى چەت ياقىسىدىكى كانو ئىندىئو يىغىلىش ئورنىدا سۆز قىلىپ، «قوراللىرىمىزنىڭ %30 ى ب د ت  غا تاپشۇرۇلدى. ۋەدىمىزدە تۇرۇۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ قوراللار بىلەن ۋىدالىشىشىمىزنىڭ كۈچلۈك باشلانغۇچى» دېدى.

نۆۋەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، قوللىرىدىكى قوراللارنىڭ %30 ىنى 14 – ئىيۇندا، قالغان %40 لىك قىسمىنى 20 – ئىيۇندا ب د ت  غا تاپشۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن لوندونو، «بۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي زوراۋانلىققا ئارىلاشمايمىز. بىزنىڭ بىردىنبىر قورالىمىز سۆزلىرىمىز بولىدۇ. بۇنىڭغا ۋەدە قىلدۇق، ئۇنىڭدا تۇرىمىز. بىزنى كولومبىيە خەلقىنىڭ پاراسىتى بىلەن ئوچۇق ۋە قانۇنلۇق بىر سىياسىي كۈرەش كۈتمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر