غەززە چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 1 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە 6 پەلەستىنلىكنىڭ يارىدار بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

747285
غەززە چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىك نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا غەززە چېگراسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 1 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 6 كىشى يارىدار بولدى.

غەززەنىڭ شەرقىي چېگراسىدىكى ئەل قارارا، ناھىل ئۇز، ئەل بۇرەيج ۋە جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار رايونلىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تاش ۋە مولوتوف ئاتقان پەلەستىنلىك نامايىشچىلارغا راس ئوق  ۋە پىلاستىك ئوق بىلەن بىرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسىمۇ ئىشلەتتى.

خان يۈنۈسنىڭ شەرقىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى. قورسىغا ئوق تەككەن بىر پەلەستىنلىك نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 2 پەلەستىنلىك ئوق تېگىپ يارىدار بولدى.

غەززەنىڭ شىمالدىكى جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولسا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى سەۋەبىدىن 4 كىشى نەپەستىن قىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. بەدەنلىرىنىڭ بەزى جايلىرى كۆيۈپ كەتتى. 

غەززە خەلقى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ۋە مۇھاسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن چېگرا رايونلىرىدا ھەپتىلىك نامايىشلارنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر