ۋېنېزۇئېلادا نامايىشچىلار ئوت قويۇپ بەرگەن ياش ھاياتىدىن ئايرىلدى

ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرو بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، ئورلاندو فىگۇئېرانىڭ ھۆكۈمەتنى قوللىغانلىقى ئۈچۈنلا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

746740
ۋېنېزۇئېلادا نامايىشچىلار ئوت قويۇپ بەرگەن ياش ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار جەريانىدا نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئوت قويۇپ بېرىلگەن ياش ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئورلاندو فىگۇئېرانىڭ بەدىنىنىڭ %80 ى دېگۈدەك 1 - ۋە 2 -  دەرىجىلىك كۆيگەن بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن 20–ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئورلاندو فىگۇئېرا نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان ۋە دەسلەپتە نامايىشچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈستىگە بېنزىن تۆكۈپ ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرو بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، ئورلاندو فىگۇئېرانىڭ ھۆكۈمەتنى قوللىغانلىقى ئۈچۈنلا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا ئۆكتىچىلەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ۋېنېزۇئېلادا مارت ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا جەمئىي 62 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. مەملىكەتنىڭ ھەممىلا ئەتراپىغا كېڭەيگەن نامايىشلارنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىش بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ۋېنېزۇئېلا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نېفىت زاپىسىغا ئىگە دۆلەت بولۇپ، قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان پۇل پاخاللىقىغا، ئالدى ئېلىنمايۋاتقان جىنايەت نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە ۋە نۇقتىلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ قىسلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

نامايىشچىلار ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرونى ئۆكتىچىلەر بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزۈشكە ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسقا چارە تېپىشقا قىستىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر