جەنۇبىي سۇداندا قەبىلىلەر توقۇنۇشۇپ ئېغىر پاجىئە كېلىپ چىقتى

جەنۇبىي سۇداننىڭ شىمالىغا جايلاشقان گوگرىيال ۋىلايىتىدە ئىككى قەبىلە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى.

746408
جەنۇبىي سۇداندا قەبىلىلەر توقۇنۇشۇپ ئېغىر پاجىئە كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي سۇداننىڭ شىمالىغا جايلاشقان گوگرىيال ۋىلايىتىدە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئەڭ ئاز 38 كىشى ئۆلدى، 35كىشى يارىلاندى.

جەنۇبىي سۇنداننىڭ گوگرىيال ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئاگوس مېل جەنۇبىي سۇداندىكى ئەڭ چوڭ ئېتنىك توپلۇق بولغان دىنكاغا تەۋە ئاپۇك قەبىلىسى بىلەن ئاگۇك قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە ئەڭ ئاز 38 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 35كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

توقۇنۇشلارنىڭ پاسىل كېلىشەلمەسلىكى بىلەن ئوتلاقلىق ۋە سۇ بۆلۈشەلمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان مېل مۇنداق دېدى: «ھەر ئىككى قەبىلە بىر-بىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە.»

مېل جەنۇبىي سۇداندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ۋە كوللېكتىپ قەتلىئاملار سەۋەبىدىن مۇقىمسىزلىقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ يەرلىكلەرنىڭ قولىدىمۇ قورال بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۇداندىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان جەنۇبىي سۇدان،  پىرېزىدېنت سالۋا كىئىر ماياردىتنىڭ 2013-يىلى 16-دېكابىردا مۇئاۋىنى رېيىك ماچارنى «ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش»بىلەن ئەيىبلەپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىشىدىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا كىردى. ئىچكى ئۇرۇشتا تەخمىنەن 50مىڭ كىشى ئۆلدى، مىليونلارچە كىشى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر