ب د ت باش كاتىپى ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن ئىشغالىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ئىسرائىلىيەنى 50 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەلەستىن ئىشغالىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

746826
ب د ت باش كاتىپى ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن ئىشغالىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ئىسرائىلىيەنى 50 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەلەستىن ئىشغالىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىپ، ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىقنىڭ ئۇل – ئاساسىنى سېلىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ ئىشغالغا خاتىمە بېرىپ ، مۇزاكىرە قىلىنغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە يېتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئانتونىئو گۇتېررېس، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننى ئىشغال قىلىشىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئىشغالنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ئېغىر يۈك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئىشغالنىڭ ھەم پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەم ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھاياتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، زوراۋانلىق ۋە ئىنتىقام تۇيغۇسىنى غىدىقلاپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان گۇتېررېس، ئىشغالنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە دۆلەت قۇرۇش خىيالىنىڭ؛ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە بولسا، تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە رايوندا ئېتىراپ قىلىنىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلانمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پەلەستىننىڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ؛ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى ۋە ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىقنىڭ ئۇل – ئاساسىنىڭ سېلىنىشىنىڭ بىردىنبىر يولى، 1967 – يىلى باشلانغان ئىسرائىلىيە ئىشغالىغا خاتىمە بېرىلىشى ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە يېتىشتۇر. پەلەستىن خەلقى ۋاز كېچىلمەس ھەق – ھوقۇقىنى پەقەت مۇشۇ شەكىلدىلا ئالالايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇپ، توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشنىڭ ۋە پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن يانمۇيان تىنچلىق ئىچىدە، بىخەتەر شەكىلدە ھايات كەچۈرۈشنىڭ ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ۋە تېررورلۇققا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق، ھەمكارلىق، خەۋپسىزلىك ۋە باياشاتلىقنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر