چىكاگودا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ باج تاپشۇرغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ۋە بەزى ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىماسلىقى نارازىلىققا ئۇچرىدى.

745394
چىكاگودا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ باج تاپشۇرغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر ھەقىقەتنى بىلدۈرمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ساقچىلارنىڭ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش، شەھەر مەركىزىدىكى فېدېراتسىيە بىناسى ئالدىدا باشلىدى؛ نامايىشچىلار، ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياڭراتقۇ ۋە ناخشا – مۇزىكا سىستېمىسى سايىسىدا گويا بىر ئۇسسۇل زىياپىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن نامايىشتا، تەييارلىغان رەڭدار پىلاكاتلار بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، پىرېزىدېنت ترامپ ۋە سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان «ھەقىقەتلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئەركىنلەشتۈرىدۇ»، «ترامپ! دەرھال ئىستېپا بەر»، «ھەقىقەتلەر ترامپتىن ئۈستۈندۇر» ۋە «ھەقىقەتلەرنى بىلىشنى خالايمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلار دىققەتنى تارتتى.

ترامپ مۇنارىغىچە بارغان نامايىشچىلار، يول بويىچە شوئارلارنى توۋلاپ ماڭدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر