قىزىل دېڭىزدا كېتىۋاتقان بىر نېفىت يۆتكەش پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

يەمەن دېڭىز قىرغىقىدىن ئېتىلغان 3 دانە RPG ئوقى بابۇلمەندەپ بوغۇزىدا كېتىۋاتقان مارشال ئاراللىرى بايراقلىق بىر نېفىت يۆتكەش پاراخوتىغا تەگدى.

743812
قىزىل دېڭىزدا كېتىۋاتقان بىر نېفىت يۆتكەش پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن دېڭىز قىرغىقىدىن ئېتىلغان 3 دانە RPG ئوقى بابۇلمەندەپ بوغۇزىدا كېتىۋاتقان مارشال ئاراللىرى بايراقلىق بىر نېفىت يۆتكەش پاراخوتىغا تەگدى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر قوماندانلىق مەركىزى بايانات بېرىپ، يەمەن دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدىكى بىر كېمىدىن بابۇلمەندەب بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقان مارشال ئاراللىرى بايرىقى قادالغان بىر نېفىت يۆتكەش پاراخوتىغا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نېفىت يۆتكەش پاراخوتىنىڭ يەمەننىڭ مەيۇن ئارىلى بىلەن جىبۇتىنىڭ سەب ئاراللىرى ئارىسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، 3 دانە RPG ئوقى تەگكەن پاراخوتتىكىلەرنىڭ ۋەقەدە يارىلانمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مارشال ئاراللىرى بايراقلىق پاراخوتنىڭ بارىدىغان نىشانىغا قاراپ قىزىل دېڭىزدىكى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنى تېپىپ چىقىش تەكشۈرۈشلىرىنىڭ باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر