لى كېچياڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلىدى

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى «بۇ بىر خەلقئارالىق مەسئۇلىيەت» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

743900
لى كېچياڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، گېرمان مەنسەپدېشى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشمىدىن چېكىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان ترامپقا خىتاب قىلدى. ئۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ «خەلقئارالىق مەسئۇلىيەت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «خىتاي، قەدەممۇ قەدەم 2030 – يىللىق نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن پارىژ كېلىشىمىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھالدا ئورۇنداشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ترامپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىگە قارشى تۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلمۇ، خىتاينىڭ كىلىمات ئۆزگىرىش كېلىشىمىگە بولغان ساداقىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇ جەرياندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسكمۇ تۋىتتېر ئارقىلىق ترامپقا خىتاب قىلغان ھالدا، «ئۆتۈنۈپ قالاي، كىلىمات سىياسىتىنى بۇزما» دەپ ئۇچۇر تارقاتتى.

چەت ئەل زىيارەتلىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى بىلەن ئۇچراشقان ترامپ، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدە فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئىمزالانغان كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىدىن چېكىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇ ھەقتىكى قارارىنى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر