خىتايدا يەنە قۇش زۇكىمى بايقالدى

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن شەھىرىدە توخۇ فېرمىسىدا ئىشلەيدىغان بىر كىشىدە قۇش زۇكىمى بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

743867
خىتايدا يەنە قۇش زۇكىمى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈلىن شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسى بايقالغان قۇش زۇكىمى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى. مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، يۇقىرى قىزىتما ۋە ھۆتەل بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنگەن مەزكۇر كىشىدە H7N9 ۋىرۇسىنىڭ بايقالغان. بۇ كىشى بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەرمۇ دەرھال نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن، شەھەردە 20 مىڭدىن ئارتۇق قەپەزدە بايقالغان ھايۋانلار قۇش زۇكىمى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان.

خىتايدا ئۆتكەن ھەپتىمۇ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ داتوڭ شەھىرىدە بىر ئايالدا قۇش زۇكىمى بايقالغان ئىدى.

خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ يىل (2017) فېۋرال ئېيىدا 61، مارت ئېيىدا 47، ئاپرېل ئېيىدا 24 كىشى H7N9 ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەن.

2013-يىلى مارت ئېيىدا خىتايدا تۇنجى قۇش زۇكىمى بايقالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر