يەمەن ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلىنىڭ پەنجىسىدە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندە ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

742950
يەمەن ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلىنىڭ پەنجىسىدە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەمەندىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلى كىرىزىسىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى مەسئۇلى قوشۇمچە مۇئاۋىن باش كاتىپ سىتىفېن ئو برېين يەمەندىكى ئەھۋاللار ھەققىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئاگاھلاندۇردى.

«كىرىزىس كەلمەيدۇ ياكى باش كۆتۈرمەيدۇ، دېيەلمەيمىز. كىرىزىس بۇ يەردە كۆزلىرىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بەدەللىرىنى ئۆتىمەكتە. ئەڭ يامان تەرىپى تۇقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئاچارچىلىق خەۋپى ئەۋج ئالماقتا. ئەگەر توقۇنۇشلار بولمىغان بولسا، ئىدى. يەمەندە قۇرغاقچىلىقمۇ ۋە ئاچارچىلىقمۇ بولمايتتى. نامراتلىق، كېسەللىك ۋە ئۆلۈملەرمۇ بولمىغان بولاتتى»  دېدى.

سىتىفېن ئو برېين «يەمەندە 55 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خولېراغا مۇبتىلا بولدى. ئاچارچىلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن 7 مىليون كىشىنى قوشقاندا 17 مىليون كىشىگە يېمەك – ئىچمەك يېتىشمەيۋاتماقتا» دېدى. 

سىتىفېن ئو برېين، يەمەن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش، يەمەن دۆلەت ئورگانلىرىنى قايتىدىن دەس تۇرغۇزۇپ، خادىملارنىڭ مائىشلىرىنى بېرەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر