فىلىپپىن ئارمىيەسى دائېشقا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

فىلىپپىن ئارمىيەسى ئۆتكەن ھەپتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قىسمەن قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ماراۋى شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

743233
فىلىپپىن ئارمىيەسى دائېشقا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن ئارمىيەسى باياناتچىسى رېستىتۇتو پادىللا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق دائېشقا ئەجەللىك زەربە بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

دائېش ئۆتكەن ھەپتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، رايوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.

200 مىڭ نوپۇسلۇق شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنىڭ شەھەرنى تەرك ئەتكەنلىكى، قېچىپ كەتمەكچى بولغان پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

تېررورىستلار قولغا كىرگۈزگەن بىنالارغا ئاتالمىش دائېش بايرىقىنى ئاسقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر