پانامانىڭ سابىق مۇستەبىت پىرېزىدېنتى ئۆلدى

پانامانىڭ سابىق مۇستەبىت پىرېزىدېنتى مانۇئېل نورىگا 83ياشتا ئۆلدى.

741948
پانامانىڭ سابىق مۇستەبىت پىرېزىدېنتى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن پانامانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇستەبىت مانۇئېل نورىگا 83ياشتا ئۆلدى.

پاناما ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مانۇئېل دومىنگۇئېز مۇستەبىت نورىگىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى، بىراق ئۆلۈم سەۋەبى ئۈستىدە توختالمىدى.

بۇلتۇر مېڭە ئوپراتسىيەسى قىلىنغان نورىگا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانىدى.

پاناما پىرېزىدېنتى جۇن كارلوس ۋارېلا Twitter ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېدى: «نورىگىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تارىخىمىزنىڭ بىر سەھىپىسى يېپىلدى.»

1984-يىلى پانامانىڭ پىرېزىدېنتى بولغان نورىگا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 1989-يىلى پامانىنى ئىشغال قىلغۇچە 6 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا قالدى.

پىرېزىدېنت ۋاقتىدا ئامېرىكىنى قوللىغان نورىگا، ئوتتۇرا ئامېرىكىدا كوممۇنىزىمنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم شىرىكلىرىدىن بىرى بولغانىدى.

ئامېرىكا ھاكىمىيىتى خەلقىگە بېسىم سىياسىتى يولغا قويۇپ،  زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ئارىلىشىپ قالغان پىرېزىدېنت نورىگىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن 1989-يىلى پانامانى ئىشغال قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ پامانا ئىشغال قىلىۋېلىشىدىن كېيىن  پامانادىكى ۋاتىگان ئەلچىخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن نورىگا، 1990-يىلى 3-يانۋاردا تەسلىم بولدى.

سوتلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئېلىپ بېرىلغان نورىگا، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، قارا پۇل يۇيۇش ۋە قانۇنسىز پۇل يىغىش قاتارلىق جىنايىي قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

نورىگا 2010-يىلىغا كەلگەندە فىرانسىيەدە كوكايىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىم قىلغان پۇللارنى فىرانسىيە بانكىلىرى ۋاستىسى ئارقىلىق يۇيۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ يەنە 7 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

فىرانسىيە تەرىپىدىن 2011-يىلى پاماناغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن نورىگا، بۇ قېتىممۇ پىرېزىدېنت ۋاقتىدا سىياسىي رەقىبلىرىنى قەستلەش بىلەن ئەيبىلىنىپ 3 قېتىم ئايرىم-ئايرىم 20 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

تۈرمىدە مېڭە راكى دىئاگىنوزى قويۇلغان نورىگا مېڭە ئوپراتسىيەسى قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل يانۋاردا قويۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر