خىتاينىڭ جىنەن شەھىرىدە كىران ۋەقەسى يۈز بەردى
خىتاينىڭ جىنەن شەھىرىدىكى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا كىران ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 6 ئادەم ئۆلدى.
742167
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا مەيدانغا كەلگەن كىران ۋەقەسىدە 6 كىشى ئۆلۈپ، 1 كىشى يارىلاندى.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى جىنەن شەھىرىدىكى شىجاجۇاڭ-جىنەن پويىز لىنىيەسىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا كىران ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى ئىشچىلاردىن 5ى نەق مەيداندا، 1ى دوختۇرخانىدا ئۆلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى