باغدادتا زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەردى

رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئارقا – ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەردى.

742233
باغدادتا زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان يۈز بەرگەن 3 بومبىلىق ھۇجۇمدا 29 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بىرىنچى پارتلاش باغدادنىڭ قەررادە رايونىدا مەيدانغا كەلدى؛ دائېش تېررورچىلىرى بىر ئاپتوموبىل بومبىنى كىشىلەر ئىپتاردىن كېيىن بارغان چوكا مۇز دۇكىنىنىڭ ئالدىدا پارتلاتتى. پارتلاشتا 21 ئادەم ئۆلدى، 80 ئادەم يارىلاندى.

ئۇ پارتلاشتىن بىر قانچە سائەت كېيىن ئىككىنچى پارتلاش، سەھەر پەيتىدە بولسا، ئۈچىنچى بىر پارتلاش يۈز بەردى؛ مەزكۇر پارتلاشلاردا جەمئىي 8 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا باغدادتىكى بىر سودا مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 324 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر