ئىسرائىلىيەدە بۇ قېتىم يەھۇدىيلار ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسرائىلىيەدە مىڭلارچە يەھۇدىي ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

741033
ئىسرائىلىيەدە بۇ قېتىم يەھۇدىيلار ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدە مىڭلارچە ئىسرائىلىيەلىك پەلەستىن بىلەن بولغان توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەدبىق قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار «ئىككى دۆلەت، بىر ئۈمىد»دېگەن مەزمۇندا يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى، نامايىشتا يەنە ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنىڭ 50 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ «بولدى بەس! نۆۋەت تىنچلىققا كەلدى»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاندى.

15مىڭدەك كىشى قاتناشقان بۇ قېتىمقى نامايىش ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان  دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن قۇددۇسنىڭ شەرقىنى ئىشغال قىلىۋېلىشىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان سولچىل ھەرىكەت تەشكىلاتىنىڭ »نۆۋەت تىنچلىق»دېگەن چاقىرىقىغا بىنائەن تەشكىللەندى.

تەشكىلاتنىىڭ رەھبىرى ئاۋى بۇسكىلا نامايىشنىڭ «ئىشغالىيەت، زوراۋانلىق ۋە ئىرقچىلىقنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت سەۋەب بولغان ئۈمىدسىزلىككە قارشى»تەشكىللەنگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەلىكلەرگە، پەلەستىنلىكلەرگە ۋە پۈتكۈل دۇنياغا ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ياقلايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.»

نامايىشتا يەنە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباسنىڭ باياناتىغىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى.

باياناتىدا «ئىتتىپاقلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئىچىدە ياشاشنىڭ ۋاقتى كەلدى»دېگەن ئابباس ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

ئۆكتىچى ئىشچى پارتىيەسى رەئىسى ئىزاق ھېرزوگمۇ نامايىشقا قاتنىشىپ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ياقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنيامىن نېتانياھۇنى ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە تىنچلىق بەرپا  قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىسرائىلىيە 1967-يىلدىكى ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇشتا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن شەرقىي قۇددۇسنى تارتىۋالدى. ئۇرۇشتىن  كېيىن بولسا شەرقىي قۇددۇسنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا شەرقىي قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلمىدى.

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ھېلىھەم 400مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن يەھۇدىي ياشىماقتا. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئەكسىچە، باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇ كۆچمەن يەھۇدىيلار ئۈچۈن تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر