ئامېرىكىنىڭ ئىراققا بەرگەن قوراللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەجھۇللىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسىنىڭ «تەربىيەلە – قوراللاندۇر» پىلانى دائىرىسىدە ئىراق ئارمىيەسىگە بەرگەن قوراللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەجھۇللىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

741393
ئامېرىكىنىڭ ئىراققا بەرگەن قوراللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەجھۇللىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسىنىڭ «تەربىيەلە – قوراللاندۇر» پىلانى دائىرىسىدە ئىراق ئارمىيەسىگە بەرگەن قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان ھەربىي لازىمەتلىك ۋە قورال – ياراقلارنى تىزىملاش ۋە تەقىب قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ توغرا ئېلىپ بېرىلمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگوننىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغان «ئارمىيە، ئىراق تەربىيەلە – قوراللاندۇر فوندى ئەسلىھەلىرىنىڭ سانى ۋە ئورنىنى ئېنىقلاش يولىدا پائال تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىدى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنىڭ مەخپىيىتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ھوقۇقى دائىرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن بىكار قىلىندى.

ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن دوكلاتتىكى، «قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرىنچى رايوندا قوماندانلىقىنىڭ ئىراق تەربىيەلە – قوراللاندۇر فوندىدىن ئېلىنغان كۇۋەيت ۋە ئىراقتىكى ئەسلىھەلەرنىڭ مىقدارى ۋە نۆۋەتتىكى ئورۇنلىرىغا دائىر تىزىملىكلىرىنى توغرا تۇتمىغانلىقى شۇنداقلا يېڭىلاپ تۇرمىغانلىقى ئېنىقلاندى» دېگەن ئىبارىلەر دىققەتنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر