ئامېرىكا يەنە بىر ئۆچمەنلىك جىنايىتىگە سەھنە بولدى

ئامېرىكىنىڭ ئورېگون ئىشتاتىغا قاراشلىق پورتلاند شەھىرىدە جېرېمي كىرىستئان ئىسىملىك بىر كىشى، ھاقارەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارنى پىچاق تېقىپ ئۆلتۈردى.

740706
ئامېرىكا يەنە بىر ئۆچمەنلىك جىنايىتىگە سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئورېگون ئىشتاتىغا قاراشلىق پورتلاند شەھىرىدە پويىزدا كېتىۋاتقان بىرى مۇسۇلمان يەنە بىرى قارا تەنلىك ئىككى ئايالغا ھاقارەت قىلغان جېرېمي كىرىستئان ئىسىملىك بىر كىشى، ئۆزىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغان ئۈچ ئادەمگە پىچاق تىقىۋەتتى، يارىلانغانلارنىڭ ئىككىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېرېمي كىرىستىئان، بىرى مۇسۇلمان، يەنە بىرى قارا تەنلىك ئىككى ئايالغا ھاقارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ باج تۆلىمەيدىغانلىقلىرىنى، پويىزدىن چۈشۈپ دۆلەتلىرىگە قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە شۇ ئەسنادا ئۇنى ھاقارەت قىلماسلىققا ئۈندىگەن ئۈچ كىشىگە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان؛ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئېغىر يارىلانغان ئۈچىنچى كىشى بولسا، ھازىرمۇ بالنىستتا ئىكەن.

پورتلاند ساقچى ئىدارىسى بۇ ۋەقە توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئاياللارنىڭ ساقچىلار يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن كېتىپ قالغانلىقىنى، مەزكۇر قاتىللىق جىنايىتىنىڭ ئۆچمەنلىكنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىرىستىئاننىڭ تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مەزكۇر گۇماندارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئىككى قېتىم ئۆچمەنلىك جىنايىتى، بىر قېتىم باشقىلارنى يارىلاندۇرۇش يەنە بىر قېتىم جىنايەت قورالى ئېلىپ يۈرۈش بولۇپ جەمئىي ئالتە ئايرىم جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر