ئافغانىستاندا پۇقرالار بىلەن دائېش ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى، ئافغانىستان شەرقىگە جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ ئاچىن ناھىيەسىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن رايون ئاھالىسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

740736
ئافغانىستاندا پۇقرالار بىلەن دائېش ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان شەرقىگە جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ ئاچىن ناھىيەسىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن رايون ئاھالىسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوگيانى، دائېش ئەزالىرىنىڭ ئاچىننىڭ ۋاچكوت يېزىسىغا كېلىپ بىر پۇقرانى تۇتۇپ كەتمەكچى بولۇشىدىن كېيىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان توقۇنۇشتا 15 دائېش ئەزاسى بىلەن رايون ئاھالىسىدىن 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، توقۇنۇشتا بىر پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوگيانى، رايون ئاھالىسىنىڭ تېررورچىلارغا قارشى قىلغان كۈرىشىنىڭ باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نانگارھارنىڭ ئاچىن ناھىيەسىدە دائېشنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئۆتكەن ئاي ئاچىندىكى دائېش لاگېرىنى ئەڭ چوڭ يادروسىز بومبا، دەپ ئاتىلىۋاتقان GBU-43 تىپلىق بومبىسىنى ئىشلىتىپ بومباردىمان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر