ئەردوغان بۈگۈن ئاخشام بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلگە بارىدۇ

ناتونىڭ بىريۇسسېلدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، رەھبەرلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپ تېمىسى سۈرىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش بولىدۇ.

738464
ئەردوغان بۈگۈن ئاخشام بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلگە بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن ئاخشام بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلگە بارىدۇ.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىدىغان يىغىنغا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇل ماكرون تۇنجى قېتىم ئىشتىراك قىلىدۇ. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى بازىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن بىريۇسسېلدە زىيارەتتە بولىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا رەھبەرلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپ تېمىسى سۈرىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش بولىدۇ.

يىغىندا «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى قۇرۇلغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئارمىيەدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئورۇن ئالامدۇ – يوق؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىلىدۇ.

خەلقئارا ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوشقان تۆھپىسى ھازىرچە تەلىم - تەربىيە ۋە ھاۋادىن كۆزىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.

ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قوشىدىغان ئىقتىسادى تۆھپىلىرىمۇ كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ.

ئەزالار ئارىسىدىكى «خامچوت پۈتۈشەلمەسلىكى»نى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم دونالد ترامپ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ گېرمانىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەسسە قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنى دائىرىسىدە بىر تۈركۈم  دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۆزئارا ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر