دائېشنىڭ ئاتالمىش «ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى»ئۆلتۈرۈلدى

دائېشنىڭ ئاتالمىش «ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى» ئەبۇ مۇساب ئەل-ماسرى ئۆلتۈرۈلدى.

738330
دائېشنىڭ ئاتالمىش «ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى»ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش «ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى»ئۆلتۈرۈلدى.

سۈرىيە دۆلەت تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دائېشنىڭ ئاتالمىش «ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى» ئەبۇ مۇساب ئەل-ماسرى ھەلەبنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۆلتۈرۈلگەن.

مۇسۇل شەھىرىنى قىسقە ۋاقىت ئىچىدە قولدىن بېرىپ قويۇشى مۆلچەرلىنىۋاتقان تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش، بۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەدىكى بىردىنبىر قەلئەسى بولغان رەققەگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

مۇسۇل نۆۋەتتە دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش نۆۋەتتە مۇسۇلدىن باشقا رەققە رايونىدىمۇ قورشاۋ ئاستىدا تۇرماقتا.


خەتكۈچ: #دائېش , #مۇسۇل

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر