«ئىراقتا 3 مىليون 600مىڭ بالا خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم فوندى ئورگىنى ئىراقتا 3 مىليون 600مىڭ بالىنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

737679
«ئىراقتا 3 مىليون 600مىڭ بالا خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم فوندى ئورگىنى ئىراقتا ئەۋج ئېلىپ كەتكەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى ۋە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 3مىليون 600 مىڭ بالىنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر ئورگان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان «ئىراقتىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى»ناملىق دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقتا 3 مىليون 600مىڭ بالا ئۆلۈم، يارىلىنىش، باسقۇنچىلىق، گۆرۈگە ئېلىنىش ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئالدام خالىتىسىغا چۈشۈپ كېتىشكە ئوخشاش ھەر خىل خەتەرلەرگە دۇچ كەلمەكتە.»

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش باش كۆتۈرگەن 2014-يىلدىن بۇيان ئىراقتىكى بالىلارنىڭ %10نىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، ھەر ئۈچ بالىدىن بىرىنىڭ يەنى 4 مىليون 700مىڭ بالىنىڭ ياردەم بۇيۇملىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئىراقتىكى بالىلارغا ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەيۋاتقانلىقىمۇ بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا يەنە كىچىك ياشتا تۇرمۇش قۇرۇش ئەھۋالىنىڭ 1990-يىللارغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە كۆپەيگەنلىكى، 15 ياشتىن تۆۋەن تۇرۇپ ياتلىق قىلىنغان قىزلارنىڭ سانىنىڭ 975مىڭغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر