ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار سەۋەبىدىن ۋەزىيەت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ بارماقتا.

737590
ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار 50-كۈنگە قەدەم قويغاندا، نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50گە يەتتى.

بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 2 كىشى ئۆلگەندىن سىرت، سابىق پىرېزىدېنت ھۇگو چاۋېزنىڭ بالىلىقى ئۆتكەن ئۆيگىمۇ ئوت قويۇپ بېرىلدى.

ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى پېدرو لىيۇس كاستىللو نامايىشچىلارنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ غەربىگە جايلاشقان بارىناس شەھىرىدە سابىق پىرېزىدېنت چاۋېزنىڭ بالىلىقى ئۆتكەن ئۆيگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

نامايىشچىلار شەھەردە دۆلەتلىك سايلام ئورگىنىنىڭ رايونلۇق ئىشخانىسى بولۇپ ھۆكۈمەتكە تەۋە بىنالارغىمۇ ئوت قويۇۋەتتى.

پايتەخت كاراكاستا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە يۈزلەرچە نامايىشچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە 26 كىشىنىڭ تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېزۇئېلادا باش كۆتۈرگەن ئاچارچىلىق، پۇل بىرلىكىنىڭ پاخاللىشىپ كېتىشى ۋە جىنايەت قىلمىشلارنىڭ ئاۋۇشى قاتارلىق ھادىسىلەر سەۋەب بولغان ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك،  پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو رەھبەرلىگىدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تىزگىنلىنىۋېلىنغان ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 31-مارتتا پارلامېنتنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى قارار قىلىشى سەۋەبىدىن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى.

ئۆكتىچىلەر نامايىشلاردا كۆرۈلگەن ئۆلۈم ھادىسىلىرىدىن مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەن  خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن ھۆكۈمەتكە يېقىن قوراللىق كۈچلەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىرېزىدېنت مادۇرو بولسا نامايىشلارغا قاتناشقان رادىكال ئىرقچىلارنىڭ جىنايىي گۇرۇھلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر