7-قېتىملىق سۈرىيە سۆھبىتى كېلەر ئاي باشلىنىدۇ

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دېمىستۇرا شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۈرىيە سۆھبەتلىرىنىڭ 7-قېتىملىقىنىڭ كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

737277
7-قېتىملىق سۈرىيە سۆھبىتى كېلەر ئاي باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى دېمىستۇرا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە تېمىلىق يىغىنغا ۋىدېئو ئارقىلىق قاتنىشىپ، كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەرگە جەنۋەدىكى 6-قېتىملىق تىنچلىق ئۇچرىشىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دېمىستۇرا ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا سۈرىيەدە توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى تەسىس قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، ھاما، ھۇمۇس ۋە دەمەشىقتىن بەششار ئەسەد قىسىملىرى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇمۇس ۋە سۈۋەيدادا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا قارشى ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، تەرەپلەر ئارىسىدا چوڭ پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، جەنۋە ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ئۈستەلگە كېلىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.ئ اخىرقى ئۇچرىشىشتا يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان يىغىن مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت نىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنغا تەييارلىق قىلمىغانلىقىنى، ئەمما سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر