«ئىران تېررورىزىمنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرسا ئېمبارگولارمۇ توختىمايدۇ»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىلېرسون ئىران تېررورىزىمنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرسا ئېمبارگولارنىڭمۇ داۋاملىق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

736396
«ئىران تېررورىزىمنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرسا ئېمبارگولارمۇ توختىمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىلېرسون ئىرانغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ئىراننىڭ تېرروىزىم قىلمىشلىرىنى قوللاش ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختاتماسلىقى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىلېرسون سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا چاقىرىلغان ئامېرىكا-ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى دائىرىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل-جۇبەيىر بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تىلېرسون ئىراننىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشماسلىقىنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق توختالغاندا، تېھران ھاكىمىيىتىنىڭ يەمەن، ئىراق ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن لىۋاندا ھىزبۇللاھنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مىنىستىر تىلېرسون ئىراننىڭ ياخشى قوشنا بولۇش نىيىتىنى نامايەن قىلغۇچە، شۇنداقلا چەت ئەللىك جەڭچىلەرنى،  بىر قىسىم قوراللىق كۈچلەرنى ۋە  باشقا دۆلەتلەرنى رايوننىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشقا خاتىمە بېرىشنى توختاتقۇچە، بۇ خىلدىكى يىغىنلارغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى، ئېمبارگولار ئارقىلىق ئىرانغا قارشى تەدبىرلەر ئېلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە توختىماي رىغبەتلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىراندا جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ئۈستىدىمۇ توختالغان رېكس تىلېرسون، ئىراندا يېڭى دەۋىرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر