گىرېتسىيە پايتەختىگە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى

گىرېتسىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ شېرىكى سيرىزانىڭ 34 پارلامېنت ئەزاسى پايتەخت ئاتېنا (ئافېنا) غا مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

736189
گىرېتسىيە پايتەختىگە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سيرىزانىڭ گۈمۈلجىنە پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا مۇستافا ۋە ئىسكەچە پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن زەيبەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلامېنت ئەزالىرى، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلارنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ پارلامېنتقا تەقدىم قىلغان تەكلىپ لايىھەسىدە، ئاتىنادىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى تەسىس قىلىشنىڭ ئېھتىياجغا ئايلانغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا ئاتېنانىڭ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى يوق بىردىنبىر ياۋروپا دۆلىتى پايتەختى ئىكەنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىتلىرىنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئېغىر چىقىم تارتىپ دۆلەتلىرىگە ياكى يۈزلەرچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇسۇلمان تۈرك ئاز سانلىقلار ياشاۋاتقان غەربىي تراكياغا ئەۋەتىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

مۇساپىرلار ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردە مەسىلىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن سيرىزا پارلامېنت ئەزالىرى، ئاتېنادا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن قەبرىستانلىق تەسىس قىلىش ياكى مەۋجۇت قەبرىستانلىقلاردىن مۇسۇلمانلارغا خاس جاي ئاجرىتىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىي بەلگىلىمە چىقىرىپ – چىقارمايدىغانلىقىنى سوردى.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى تەقدىم قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى يەنە، ئالاقىدار مىنىستىرلىقلارنىڭ مەلۇم مەزگىل ئىلگىرى ئاتېنادا مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بەرپا قىلىش ئۈچۈن سان سىنود تەرىپىدىن ئاجرىتىپ بېرىلگەن 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر جاينىڭ ۋە سەلانىكنىڭ ئېۋوسمو رايونىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى قۇرۇلۇشىنىڭ نېمىشقا ئىلگىرىلىمەيۋاتقانلىقى توغرىسىدا پارلامېنتقا ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

گىرېتسىيە چېركاۋىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق قارار چىقىرىش ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان سان سىنود، ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆتكەن يىلى پايتەخت ئاتېنادىكى ئۆزىگە تەۋە بىر جايدىن مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى ئۈچۈن 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر جاينى ئاجرىتىپ بېرىشىنى قارار قىلغانىدى.

گىرېتسىيە دائىرىلىرى بايانات بېرىپ، سەلانىكنىڭ ئېۋوسمو رايونىدىمۇ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى قۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر