ئافغانىستاندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ ھېرات ۋىلايىتىدە ھەربىي مىنىبۇسقا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، بىرى پۇقرا بولۇپ، ئىككى كىشى يارىلاندى.

735064
ئافغانىستاندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرات ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى جەيلانى فەرھادنىڭ ئېيتىشىچە، كىملىكى نامەلۇم قوراللىقلار ھەربىي مىنىبۇس ھاجى ئاببباس رايونىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئېلىپ بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايتى يېقىن ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر