ئافغانىستاننىڭ كاپىسا ۋە نانگارھار ۋىلايەتلىرىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ كاپىسا ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 2 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 بالا يارىلاندى.

734125
ئافغانىستاننىڭ كاپىسا ۋە نانگارھار ۋىلايەتلىرىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاپىسا ساقچى ئىدارىسى، كاپىسانىڭ نىجراب ناھىيەسىنىڭ دەرە تۆپىلىكى رايونىدا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ بالىلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا پارتلىتىلغانلىقىنى، ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپنىڭ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ جەلالئاباد شەھىرىدىكى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئادەم ئۆلدى، 14 ئادەم يارىلاندى. نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوگيانى، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككىسىنىڭ بىنانىڭ دەرۋازىسىدىلا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتقانلىقىنى، ئۈچىنچى ھۇجۇمچىنىڭ بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ ئەتراپقا ئوق چىقارغانلىقىنى، ھۇجۇمچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جەلالئاباد دوختۇرخانىسىنىڭ باش ۋىراچى نەجىبۇللاھ كاماۋال، ھۇجۇمدا بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يارىلانغان 14 ئادەمنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ ھۇجۇمنىڭمۇ جاۋابكارلىقىنى ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى بىناسى نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسىگە يېقىن يەردە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر