شىۋېتسىيەدە پ ك ك قوللىغۇچىسى بىر جەمئىيەت قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى

شىۋېتسىيەنىڭ گۆتېبورگ شەھىرىگە قاراشلىق ھىسسىنگې ناھىيەلىك ھۆكۈمىتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ لاتىلىرىنى ئاسقان بىر ئاياللار جەمئىيىتى بىلەن بولغان پۈتكۈل ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

733827
شىۋېتسىيەدە پ ك ك قوللىغۇچىسى بىر جەمئىيەت قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ گۆتېبورگ شەھىرىگە قاراشلىق ھىسسىنگې ناھىيەلىك ھۆكۈمىتى، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بىر پائالىيەت ساھەسىدىكى چېدىرلىرىغا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ لاتىلىرىنى ئاسقان بىر ئاياللار جەمئىيىتى بىلەن بولغان پۈتكۈل ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

گۆتېبورگ پوچتىسى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھىسسىنگې ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بۆلۈمى باشلىقى مايكېل گۆرانسسون، «ئۆتكەن يىلقى پائالىيەتتە مەزكۇر ئاياللار جەمئىيىتى چېدىرىنىڭ ھەر تەرىپىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ لاتىلىرى بار ئىدى. بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇق. كەچۈرۈم سوراپ، ئىككىنچى ئۇنداق قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. بىراق بۇ يىل يەنە شۇنداق قىلدى» دېدى.

مەزكۇر ئاياللار جەمئىيىتى بىلەن پۈتكۈل ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن گۆرانسسون، «جەمئىيەتكە ئېلخەت ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردۇق ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇلار بىلەن بولغان پۈتكۈل ئالاقىمىزنى ئۈزگەنلىكىمىزنى مەلۇم قىلدۇق. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە ئىسمى بولغان بۆلگۈنچى پ ك ك نى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە گۇمان بولغان بىر جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قىممەت – قاراشلىرىمىزغا زىتتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر