ئامېرىكا: ئەسەد ھاكىمىيىتى مىڭلارچە كىشىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدىكى سەيدنايا تۈرمىسىدە مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسەتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

732922
ئامېرىكا: ئەسەد ھاكىمىيىتى مىڭلارچە كىشىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستۇارت جونېس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سەيدنايادا ئۆلتۈرۈلگەن مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىنىڭ بىر تەرىپىگە سېلىنغان تونۇرغا سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە پايتەخت دەمەشققە 45 مىنۇتلۇق يىراقلىققا جايلاشقان مەزكۇر تۈرمىدە كۈندە ئوتتۇرىچە 50 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ستۇارت جونېس، «بۇ تونۇرنىڭ سەيدنايادا ئۆلتۈرۈلگەن مەھبۇسلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، پاكىتلارنى يوقىتىپ تاشلاش ئۈچۈن سېلىنغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارغا مەزكۇر تونۇرنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلىرى كۆرسىتىلدى؛ بىرىنچى فوتو – سۈرەتنىڭ 2013 – يىلى تارتىلغانلىقى دىققەتنى تارتتى. 2015 – يىلى يانۋاردا تارتىلغان يەنە بىر فوتو – سۈرەتتە بولسا، تونۇرنىڭ جايلاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن بىنانىڭ ئۆگزىسىدىكى قارلارنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلدى.

فوتو – سۈرەتلەر توغرىسىدا توختالغان جونېس، «ئەسەدنىڭ ئەخلاقسىزلىقى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى» دېدى.

ئۇ يەنە، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان سۈرىيە سۆھبەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى؛ جونېس، ئاستانادىكى سۈرىيە سۆھبەتلىرىگە ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، سۈرىيەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئازىيىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقلىرىنى، بۇ جەھەتتە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئالاقىدار گۇمانلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلەردىكى ئەسەدنىڭ پوزىتسىيەسىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ كېلىشىمدىمۇ ئەسەدكە نىسبەتەن گۇمانى پوزىتسىيەدىمىز. ئەسەد ھاكىمىيىتى پۇقرالارغا ۋە ئۆكتىچىلەرگە قارىتىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىشى كېرەك. رۇسىيەمۇ ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى نوپۇزىنى ئىشقا سېلىپ، بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر