ئەسەد قىسىملىرى شەرقىي غۇتە رايونىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەسەد قىسىملىرى ھاممۇرىيە ۋە ساقبا يېزىلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق جايلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

733306
ئەسەد قىسىملىرى شەرقىي غۇتە رايونىغا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ قوللغۇچىسى بولغان چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدا قالغان شەرقىي غۇتە رايونىدىكى ھاممۇرىيە ۋە ساقبا يېزىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئاز دېگەندىمۇ 30 پۇقرا يارىدار بولدى.

شەرقىي غۇتادىكى پۇقرالارنى قوغداش ئەترىتى مەسئۇللىرىدىن ماھمۇد ئادەم، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھاممۇرىيە ۋە ساقبا يېزىلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق جايلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ماھمۇد ئادەم بەزىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ماھمۇد ئادەم يارىدارلارنىڭ ئەڭ يىقىن سەھىيە مەركەزلىرىگە يوللانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغان قوغداش ئەترىتىمىزمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا دۇچار بولدى. لېكىن ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى. 6 دىن كۆپرەك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى» دېدى.

دەمەشىق ئەتراپىدىكى پۇقرالارنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ئىزدەپ قۇتقۇزۇش پالئىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقاتقان كۆرۈنۈشلىرىدە، ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ خارابىلىققا ئايلانغانلىقى دىققەتنى تارتتى.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر