دائېش بىلەن پ ك ك نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق سىنجار ناھىيەسىدە دائېش ۋە پ ك ك نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقلىرى ئاشكارىلاندى.

733231
دائېش بىلەن پ ك ك نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق سىنجار ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دا تەخمىنەن ئىككى يېرىم يىل تۇرغان بىر تېررورچى، پ ك ك نىڭ دائېش تېررورچىلىرى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.

بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان سىنجاردىكى نوپۇزلۇق بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغان بۇ تېررورچى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پ ك ك دا ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەن ۋە شاھىت بولغان ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 2014-يىلى ئاۋغۇستتا سىنجاردىكى ئەزىدىلەرگە ھۇجۇم قوزغىشىدىن كېيىن پەيدا بولغان بىخەتەرلىك بوشلۇقى تۈپەيلى، پ ك ك نىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان بۇ تېررورچى، پ ك ك بازىلىرىدا ئىككى يىل 4 ئاي ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

پ ك ك ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا پ ك ك نىڭ ھەققىي ئەپتى-بەشرىسىنى باشقا ئەزىدىلەرگە ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېيتقان تېررورچى، پ ك ك نىڭ ئەزىدىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندەك تەسىر بەرگەنلىكىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتى.

پ ك ك نىڭ سىنجاردا دائېش بىلەن يوشۇرۇن كېلىشكەنلىكىنى ئېيتقان ئەزىدىلىك بۇ تېررورچى مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «پ ك ك سىنجار ناھىيەسىدىكى بەزى رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن دائېش بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئۇقۇپ قالدىم،  پ ك ك ئەزىدىلىك كۈرتلەرنى <كوردلار> قايىل قىلىش غەرىزىدە دائېشتىن بەزى رايونلاردىن چېكىنىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، پ ك ك مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن گويا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندەك تەسىر پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى.»

«سىنجاردا پ ك ك لىقلارنىڭ دائېشچىلار بىلەن يوشۇرۇن تىل بىرىكتۈرۋالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئەزىدىلەرنىڭ قانداق ئالدام خالتىغا چۈشكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدۇق»دېگەن ئەزىدىلىك بۇ تېررورچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا قارىتا پ ك ك ئەزىدىلىكلەرنى پەشمەرگە كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى، ئەزىدىلىكلەر بۇنى رەت قىلىپ قورال تاشلاشقا باشلىدى، مەنمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن پ ك ك دىن ئايرىلدىم. ئەزىدىلىك بالىلارنىڭ كېلەچىكى خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا، پ ك ك ئەزىدىلىك بالىلارنى سىنجاردىن ئېلىپ ئىران، كاندىل ۋە سۈرىيەگە ئەۋەتمەكتە، پ ك ك دا ۋەزىپە ئۆتىۋاتقان چېغىمدا كىشىنى بىئارام قىلىدىغان مۇنداق ۋەقەگە شاھىت بولدۇم: 8،9 ياشلار چاممىسىدىكى ئەزىدىلىك بالىلارمۇ قورال مەشق قىلىشقا مەجبۇرلىناتتى،پ ك ك قان تۆكىدىغان تېررورچى يېتىشتۈرۈشىنىلا مەقسەت قىلىدۇ، پ ك ك ئەزىدىلىك بالىلارنى مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ قورال ئېتىشنى مەشىق قىلدۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر