روبېرت فورد: ئەردوغان ھەقلىق ... ترامپنىڭ دائېش پىلانىدا ئېغىر خاتالىق بار

ئامېرىكىنىڭ دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى روبېرت فورد، دونالد ترامپ دائىرىلىرىنىڭ دائېش پىلانىدىكى خاتالىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

732369
روبېرت فورد: ئەردوغان ھەقلىق ... ترامپنىڭ دائېش پىلانىدا ئېغىر خاتالىق بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى روبېرت فورد، دونالد ترامپ دائىرىلىرىنىڭ دائېشقا قارشى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىنى يازدى.

روبېرد فورد «ئاتلانتىك ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «ترامپنىڭ دائېش پىلانىدىكى ئېغىر خاتالىق» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 16 – ئاپرېلدىكى ئۇچرىشىشىنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا پ ي د نىڭ ھەربىي قانىتى ي پ گ غا بېرىلىدىغان ياردەملەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى يازدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، پ ك ك / پ ي د غا بەرگەن قورال ۋە قىلغان ياردەملىرىنىڭ كېلەچەكتە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پ ك ك نىڭ رايوندا ئۆزىنى ھەر خىل شەكىل ۋە ئىسىملار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن فورد، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇشىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە ئىسمى بار تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشماسلىق سىياسىتىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ دائېشقا قارشى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قولىدىن پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن روبېرت فورد ماقالىسىدە، «ئامېرىكىنىڭ پ ي د / ي پ گ غا بولغان مەستانىلىكى دائېش راققەدىن چىقىرىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى چۆچۈتىدىغان بەزى بىئارام قىلغۇچى ئەھۋاللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىغا سەۋەب بولماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

سابىق باش ئەلچى روبېرت فورد، پ ي د / پ ك ك نىڭ سىياسىي پىكرىنى رايون خەلقىگە سىڭدۈرگەنلىكىنى ۋە تەشكىلاتنىڭ پىكرىگە  قوشۇلمايدىغان كۆپلىگەن كورد پائالىيەتچىنى تۇتقۇن قىلدۇرغانلىقىنى يازدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ پ ي د / پ ك ك نىڭ ئاساسىي ئومۇرتقىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىدىن دائېشقا قارشى كۈرەشتە پ ي د / پ ك ك غا قىلغان ياردىمىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

روبېرت فورد، «ئىراق ئۇرۇشى، نارازىلىق پەيدا قىلماستىن كونسېرۋاتىپ ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پىرىنسىپلىرىنى سىڭدۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋاشىنگتونغا ئۆگەتكەن بولۇشى كېرەك ئىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دائېشنىڭ نۆۋەتتە راققەنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن روبېرت فورد، راققە ئېلىنىپ، دائېش شەھەردە تېررورلۇق تاكتىكىلىرىنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان چاغدا، ۋاشىنگتون شەھەرنى كىمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىغا ۋە بەدەلنى كىمنىڭ تۆلەيدىغانلىقىغا قارار قىلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە مۇنتىزىم ھاۋا ھۇجۇملىرى، بىر زەمبىرەكچىلەر قىسمى، مەشىق قىلدۇر – قوراللاندۇر كۈچلىرى ۋە مۇنبىچ ئەتراپىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكەرلىرى قوشۇلۇپ سۈرىيەدە مەلۇم مىقداردا ئەسكەر تۇرغۇزۇۋاتقانلىقىنى ۋە پات يېقىندا مىڭ ئەتراپىدا قوشۇمچە ئەسكەر يوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان روبېرت فورد، ترامپنىڭ بۇ قەدەملىرىنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىر بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر