گىرېتسىيەدىكى ئىش تاشلاش دولقۇنىغا دېڭىزچىلارمۇ قوشۇلدى

گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەدبىر پىلانلىرىغا دېڭىزچىلارمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش تاشلاشنى قارار قىلدى.

732486
گىرېتسىيەدىكى ئىش تاشلاش دولقۇنىغا دېڭىزچىلارمۇ قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدە دېڭىزچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەدبىر پىلانلىرىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىشل تاشلاشنى قارار قىلىشتى.

گىرېتسىيە دېڭىزچىلىق فېدراتسىيەسى بۇ توغرۇلۇق بايانات بېرىپ، ئەتە يەرلىك سائەت 00:01دىن باشلىنىدىغان ئىش تاشلاش ھەرىكىتى دائىرىسىدە بارلىق كېمە ۋە پاراخوتلارنىڭ 24 سائەت پورتلاردىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن قۇرۇقلۇق بىلەن ئاراللار ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز قاتنىشى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.

گىرېتسىيە دېڭىزچىلىق فېدراتسىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەدبىر پىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنى بىكار قىلىش ۋە دېڭىزچىلىق ساھەسىدىكى ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش پىلان-لايىھەسى دائىرىسىدە يېڭى كىرېدىت مىقدارىنى ئەركىن تۇتۇش ئۈچۈن 2019 ۋە 2020-يىللاردا پىنسىيە مائاشلىرى ۋە باج كەچۈرۈمىنىڭ تۆۋەن چېكىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىدىغان قوشۇمچە ئىقتىسادىي تەدبىر پىلانلىرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر