«بۇ قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى بۇرۇنقىلىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتفان دې مىستۇرا بۇ قېتىملىق سۈرىيە يىغىنىنىڭ بۇرۇنقىلىرىدىن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

732569
«بۇ قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى بۇرۇنقىلىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتفان دې مىستۇرا شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئەتە باشلىنىدىغان 6-نۆۋەتلىك سۈرىيە سۆھبەتلىرىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت، ئاساسىي قانۇن، سايلام ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلىي كېڭەش قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن مىستۇرا بۇ قېتىمقى سۈرىيە سۆھبەتلىرىنىڭ 19-ياكى 20-مايدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىستۇرا بۇ قېتىمقى سۈرىيە سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىكى سۆھبەتلەردىن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بارلىق ھەيئەتلەر جەنۋەگە كېلىدۇ، بارلىق ھەيئەتلەر دېگىنىمىزدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 نومۇرلۇق قارارنامىسىدە بېكىتىلگەن ھەيئەتلەر بىلەن بۇرۇنقى سۆھبەتلەرگە قاتناشقان بارلىق ھەيئەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.»

مىستۇرا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئاستانادا « سۈرىيەدە توقۇنۇشسىز رايونلار بەرپا قىلىش»توغرۇلۇق ئىمزالانغان  كېلىشمدىن كېيىن 6-قېتىملىق سۆھبەتنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ يېقىنلىشىپ قېلىشى سەۋەبىدىن قىسقا سۆھبەتلەر تەرىقىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان مىستۇرا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ داۋامىنىڭ قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنىڭ رامىزان ئېيدا بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت جەريانىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان مىستۇرا، ئۆكتىچى ۋە ھاكىمىيەت ھەيئەتلىرىدىنمۇ بايانات بەرمەسىلىكىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى، بىراق تاللاشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

سۈرىيە تېمىلىق 5-نۆۋەتلىك جەنۋە سۆھبەتلىرى 22-مارتتا باشلاپ 31-مارتتا ئاخىرلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر