مۇسۇل رامىزاندىن بۇرۇن دائېشتىن ئازاد قىلىنىدۇ

ئىراق ئارمىيەسى رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تامامەن ئازاد قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

731116
مۇسۇل رامىزاندىن بۇرۇن دائېشتىن ئازاد قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئوسمان غانىمى مۇسۇلدىكى توقۇنۇش رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىدە، «مۇسۇلنى رامىزاندىن بۇرۇن ئازاد قىلىپ، زەپەر ئېلان قىلىمىز» دېدى.

مۇسۇلنى ئازاد قىلىش جەريانىدا ئىراق ئارمىيەسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن غانىمى، «قىسىملىرىمىز دائېشقا قارشى ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، مۇسۇل ھەرىكىتى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.

يانۋاردا دۆلەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلنىڭ شەرقىىنى دائېشتىن قايتۇرۇۋالغان ئىراق كۈچلىرى شەھەرنىڭ غەربىنىمۇ تامامەن ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر